گۇاڭدۇڭدىكى ۋۇكەن كەنتى ئاھالىلىرى دىكتاتورلۇققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.21
2011.11.21
جاڭ پەمىلىلىك بىر نامايىشچىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 4500 كىشى بۇ قېتىمقى نامايىشنى قوللاپ ئىمزا قويغان. نامايىشچىلار قوللىرىدا « دىكتاتورلۇققا قارشى تۇرىمىز »، « خىيانەتچىلەر جازالانسۇن» ۋە « ھەق - ھوقۇقلىرىمىز قايتۇرۇپ بېرىلسۇن » قاتارلىق مەزمۇندا لۆزۇنكىلار كۆتۈرگەن ۋە شۇئار توۋلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشقا مەزكۇر كەنتتە يىللاردىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ساختا سايلام سەۋەب بولغان. نامايىشچىلارنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كەنتنىڭ باشلىقلىرى 40 يىلدىن بېرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق سايلامدا يالغان نەتىجە پەيدا قىلىپ، ھوقۇقنى قولدىن بەرمەي كەلگەن. بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەر ئۆتكەن ئايدىمۇ يەر مەسىلىسى ھەققىدە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىش ئاخىرىدا ئۇلار ئۇ كەنتتىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قىسىم ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويغان. نامايىشچىلار مۇخبىرغا، بۇ قېتىمقى نامايىشتا تەلەپلىرى ئورۇندالمىسا، نامايىشنىڭ يەنە توقۇنۇشقا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.