' ئاق سارايغا 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىپ، يەنە بىر نۆۋەت خەيرلىك ئىش قىلىدىغان پۇرسەت كەلدى'

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئوساما بىن لادىننىڭ شوپۇرى سەلىم ئەخمىدى ھەمداننى تۈرمىدىن چىقىرىپ دۆلىتى يەمەنگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، ۋاشىنگتون پېچتا گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىدە بۇ "گۇئەنتانامو ئادالىتى" دەپ سۈرەتلەندى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىمۇ قويۇپ بېرىپ يەنە بىر خەيرلىك ئىش قىلىشى كېرەكلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئاق سارايغا بۇ قېتىم گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىپ، يەنە بىر نۆۋەت خەيرلىك ئىش قىلىدىغان پۇرسەت كەلدى."

ماقالىدە، ئۆتكەن ئايدا سوتچى ئوربىنانىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىش ھۆكۈمىگە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى چىققانلىقى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ سوتتا ئۇتۇپ چىقىدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە: " ئەمما بۇ جەھەتتىكى غەلىبە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم ھۆرلۈكتىن بەھرىمەن قىلىشتا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغان مەسئۇلىيىتىدىن مۇستەسنا قىلماسلىقى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە يەنە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجرائىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

25 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمى ئۈستىدىن ئەرزىيەت سوتىغا سۇنغان ئەرزىگە قاراپ چىقىلغان ئىدى.