گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان ئۆزبېك تۇتقۇن ئېرلاندىيىگە كۆچمەن بولۇشنى ئىستىمەكتە

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان بىر ئۆزبېك تۇتقۇن ئېرلاندىيىگە كۆچمەن بولۇش ئارزۇسىدا ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ھازىر مەزكۇر ئۆزبېك تۇتقۇننىڭ ئادۋوكاتى ئىرلاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.17

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆزبېك تۇتقۇننىڭ ئىسمى جامالىدىن جاپپاروف بولۇپ ئۇ 2001 - يىلى ئافغانىستاندا قولغا چۈشكەن. ئۇ گەرچە ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستانغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن يەنىلا گۇئانتانامودا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.

خەۋەردە ئىرلاندىيە ۋاقىت گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۆزبېك تۇتقۇننىڭ ئامېرىكىلىق ئادۋوكاتى مىشېل موۋن، مەزكۇرنىڭ ئېرلاندىيىگە ناھايىتى باپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە “ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئەركىن، بىخەتەر ۋە دېموكراتىك دۆلەتكە ئولتۇراقلاشقۇچىسى بارلىقىنى يېنىش ‏ - يېنىشلاپ ئېيتقان ئىدى” دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىرلاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئادۋوكاتنىڭ ئۆزبېك تۇتقۇننى ئېرلاندىيىگە قوبۇل قىلدۇرۇش تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا سۇسلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر تۇتقۇننى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما كېلەر يىلى 20 ‏ - يانۋار ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغان بولۇپ، ئۇ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش مەيدانىنى ئىلگىرى سۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

نۆۋەتتە گۇەنتانامو تۈرمىسىدە، گۇناھسىزلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان 17 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بارىدىغان يېرى يوق داۋاملىق ئىزتىراپ چېكىشكە مەجبۇر بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.