گۇەنتانامودىن ئازاد قىلىنغان 6 ئۇيغۇر بۈگۈن تىنج ئوكياندىكى كىچك ئارال دۆلىتى -- پالاۋغا يېتىپ بارغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.31
2009.10.31
ھازىرچە مەلۇم بولغان چەكلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، گۇئەنتانامودىن ئازاد قىلىنغان ئادىل نۇرى، ئەخمەد تۇرسۇن، ئابدۇلغاپپار ئابدۇراخمان، ئەنۋەر ھەسەن، ئەدھەم مۇھەممەد، داۋۇت ئابدۇرېھىم قاتارلىق بۇ 6 ئۇيغۇر، ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق ئادۋۇكاتلار بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىدا 17 سائەتلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇشتىن كېيىن پالاۋغا يېتىپ بارغان.
شۇنداقلا، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس تەيىنلەنگەن بىر ئۇيغۇر تەرجىمانمۇ ئاۋستىرالىيىدىن يولغا چىققان.