ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇستىن 5 نەپىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3 ئاينىڭ ئالدىدا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، يەنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تۈنۈگۈن، يەنى 30 ‏ - سېنتەبىر كۈنى قالغان 12 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىمۇ ئوخشاشلا گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسلىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى 22 بولۇپ، بۇلاردىن 5 نەپىرى 3 يىلنىڭ ئالدىدا گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلگەن ۋە ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ يىل 6 ‏ - ئايدا يەنە ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىدا مەھبۇس پەرھات ھۇزەيفا گۇناھسىز بولۇپ ئاقلىنىپ چىققان. سوتنىڭ بۇ قارارىغا ئاساسەن، پەرھات ھۇزەيفا بىلەن بىرلىكتە جالالىدىن، ئابدۇسەمەت، سابۇر ۋە خالىد قاتارلىق جەمئىي بەش ئۇيغۇر مەھبۇسنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما پەرھات ھۇزەيفانىڭ ئادۋوكاتى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىدىن رازى بولمىغان، ئۇ 12 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ھەممىسىنىڭلا گۇناھسىز دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ سوتقا ئەرز يوللىغان ئىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، يەرلىك سوت ھەربىي سوتقا 30 كۈن ۋاقىت ئىچىدە گۇئانتانامودىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقىغا، يەنى دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىگە ئائىت پاكىت كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن مۆھلەت توشقان كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەربىي سوتى، ئامېرىكا يەرلىك سوتىغا قالغان 12 ئۇيغۇرنىمۇ گۇناھسىز دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوت خاتىرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئافغانىستاندا، خىتايغا قارشى ھەربىي تەلىم كۆرگەنلىكى، ئامېرىكىغا قارشى ھېچقانداق دۈشمەنلىك نىيەت ۋە پىلانىنىڭ بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز سانىلىشىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولغان.