ئامېرىكا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىگۇئانا لاگىرىغا يۆتكىگەن

ئامېرىكا دائىرىلىرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ" دۈشمەن جەڭچىسى" دېگەن قالپىقىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، گۇئانتانامونىڭ ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان 6 ‏ - تۈرمىسىدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى ئورتاھالدىكى 4 ‏ - تۈرمىسىدە ياشايدىغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئىگۇئانا لاگىرىغا يۆتكىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.10.03

بۇ، يۇقىرىقى 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇئانتانامودىكى ھاياتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگۈرۈش، دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئىگۇئانا لاگىرى گۇئانتانامودىكى ئەڭ يۇمشاق نازارەتخانا بولۇپ، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلار قوروغا ئەركىن ھالدا چىقىپ كىرەلەيدۇ ۋە زەنجىر - كىشەندىن خالى يۈرىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى گۇئانتانامو ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگۇئانا لاگىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۇ يىل 6 ‏ - ئايدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن خۇزەيفا پەرھات ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گەيتس ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى گۇئانتانامودىكى 4 ئۇيغۇرنىڭ " دۈشمەن جەڭچىسى" دېگەن قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان شۇنداقلا پەرھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئۇيغۇرنى ئىگۇئانا لاگىرىغا يۆتكىگەن ئىدى.

قالغان 12 ئۇيغۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىگۇئانا لاگىرىغا يۆتكىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ 30 ‏ - سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر دىلوغا مەسئۇل ئامېرىكا فېدېرال سوتچىسى ئۇربىناغا ئۇيغۇرلارنىڭ " دۈشمەن جەڭچىلىك" قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن. سوتچى ئۇربىنا 8 ‏ - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىغا " بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى يا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، دەپ ئېلان قىلىش، ئەگەر دۈشمەن جەڭچىسى، دەپ قارىسا ئۇلارنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىگە ئىسپات كۆرسىتىشى" نى تەلەپ قىلغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.