نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 16‏ - ئۆكتەبىر كۈنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ھۆكۈمەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان مۇنازىرىلەر سەۋەبىدىن توختاپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.16

ۋىليام گىلبەرسۇن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئادالەت مىنستىرلىقىنىڭ ۋاشنگتون رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن ھۆكۈمىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان نارازىلىق ئەرزىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا بەرگەن باھاسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي قاتتىق توسالغۇغا ئۇچراتقان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىدىغان بىر دۆلەت تېپىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى چەت دۆلەتلەرگە باشلىماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.