گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلدى

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمنى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە يەرلەشتۈرۈش كېلىشىمى پۈتۈشكە ئاز قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.05

ھازىر گۈەنتانامودا 13 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا يەرلەشتۈرۈش پىكرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار پالاۋغا بېرىشنى خالىمىغان بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا سەل پەسىيىپ قالغان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان جورج كلارك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات جور كلارك، ھازىر گۈەنتانامودا تۇرۇۋاتقان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بولمىسىمۇ، 4 تىن كۆپ ئادەمنىڭ پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل ئىيۇندا پالاۋ ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.