ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارىتا ئۆزگىچە پىكىر چىقتى

جۈمە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارىتا قارشى پىكىر چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.25

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالى قانۇن تىكلەش ئورگىنى بولغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاز سانلىقلار پارتىيىسى رەھبىرى ، جۇمھۇرىيەتچى مىتچ مىكوننېل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە، "گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەم قانۇنلۇق ھەم مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. بۇ مەسىلىدە ، ئاق ساراي ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك. مەخسۇس تېررورچىلىق قىلىشقا تەربىيىلەنگەن كىشىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، ئامېرىكا 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن 2001 ‏ - يىل ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندا، گۇەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئافغانىستاندىكى پىنھان جايدىن قېچىپ چىقىپ، پاكىستان تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايونلارغا كېلىپ قالغاندا تۇتۇلۇپ، ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىدى.

ئۇلار ئامېرىكىدا ، بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن 'دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس' دەپ ئاقلانغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى.
 
ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا سوتچىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. باراك ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ 'بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلماسلىق كېرەك' دەپ جاكارلىدى. ئەمما بۇ 17 ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ھازىرغا قەدەر تالاش - تارتىش مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى يەنىلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.