ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر مەھبۇس قوبۇل قىلىشقا قېتىلىدىغانلىقى ياكى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، دانىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە بولسا، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىدا يول بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. فرانسىيە، مەھبۇس قوبۇل قىلىشقا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە چوقۇم ئورتاق پىكىرگە كېلىشى ۋە بىرلىكتە قەدەم بېسىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەھبۇس قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە گۇئانتانامودا 248 نەپەر مەھبۇس بولۇپ، بۇلاردىن 60 ئەتراپىدىكى مەھبۇس ئۈستىدىن قويۇۋېتىش قارارى بېرىلگەن. گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس ئەنە ئەشۇ قويۇۋېتىش قارارى بېرىلگەن مەھبۇسلاردىندۇر.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە، ياۋروپا بىرلىكى گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسىدە مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئاچماقچى.