گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلار

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئىككى نەپىرى ئاكا - ئۇكا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە مەھبۇس بەختىيار ماھمۇت ئەركىنلىك ئىزدەپ 2001 ‏- يىلى چەتئەلگە چىققان ۋە ئافغانىستاندا ھەربىي تەلىم كۆرگەن، ئاكىسى ئەركىن ماخمۇت قېرىندىشىنى ئىزدەپ پاكىستانغا چىققان. ئىككى قېرىنداش گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تېپىشقان.

بۇ قېتىم ئارال دۆلىتى پالاۋنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى 12 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقى مەھبۇسلارغا ئۇقتۇرۇلغان. مەھبۇس بەختىيار ماخمۇت تىزىملىكتە ئاكىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاكىسىنىڭ تۈرمىدە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، پالاۋغا بېرىش قارارىدىن ۋاز كەچكەن ۋە گۇئانتانامو تۈرمىسىدە ئاكىسىغا ھەمراھ بولۇپ، داۋاملىق قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، بۇ ۋەقە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ، بۇ ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا قېلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.