ئامېرىكا، گوگۇلغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە «ناھايىتى جىددىي» مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ھېللارىي كلىنتون خانىم، گوگۇل تور بېكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ «ناھايىتى ئېغىر ۋەقە» ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا «ناھايىتى جىددىي» مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوگۇل شىركىتى بىر قىسىم خېرىدارلىرىنىڭ خەت ئالاقە ساندۇقى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كلىنتون خانىم، گوگۇلنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئەھۋالنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ۋەقە ناھايىتى ئېغىر ھادىسە. بىز بۇنىڭغا ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلىمىز. بىز بۇنى تەكشۈرىمىز» دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئاقساراي ئامېرىكىنىڭ «ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان تەھدىت ئۇنىڭ ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە جىددىي خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇنىڭغا جىددىي قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي تۈنۈگۈن خىتاينى تور جاسۇسلۇقى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گوگۇلنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان.
گوگۇل تور بېكىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي خاككېرلار گوگۇلغا كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھەربىي خادىملىرى، ژۇرنالىستلار ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ گماىل دىكى خەت ساندۇقىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان.

گوگۇل شىركىتى ھۇجۇمنىڭ خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گەرچە گوگۇل ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ باقمىدى.