"گۈلى" ماركىسىدىكى بىخەتەرلىك قاپچۇقى چەكلەندى

مەلۇم بىر خىتاي شىركىتىنىڭ "گۈلى" ماركىلىق بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۈمە كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەزكۇر قاپچۇقنى چەكلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۈمە كۈنى "گۈلى " ماركىسىدىكى قاپچۇقنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېلان - سەنئەت تەشۋىقاتىنى توختىتىش، بازاردا سېتىشنى چەكلەش، ئەگەر بۇ تۈردىكى مەھسۇلات بايقالسا كىشىلەرنىڭ دەرھال ئىنكاس قىلىشىنى مۇراجەت قىلغان.

سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە خىتاينىڭ "دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەتلىك تاۋار ماركا باش ئىدارىسىغا " گۈلى" ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، يۇقىرىقىدەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ھۆججەت ۋە ئالاقە ئەۋەتكەن."

يېقىندا بىر خىتاي كارخانىسى " گۈلى" ماركىلىق بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان ۋە رايوندا چىقىدىغان خىتايچە گېزىتلەر مەزكۇر تاۋارنىڭ تەشۋىقات ئېلانىنى بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان تور بېكەتلىرىدە بۇنىڭ "ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت.... ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلە" ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغالغان. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملۇقنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.