گۇيجودىكى مياۋ ۋە دوڭ مىللەتلىرى ياشايدىغان كەيلى شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى
2010.12.05
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5- دېكابىر كۈنى كەيلى شەھىرىدىكى تورخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 6 ئادەم ئۆلگەن 38 ئادەم يارىلانغان . پارتلاش بولغاندا، تورخانىنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە 45 ئادەم بولغان ئىكەن. ساقچى تەرەپ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر ئادەمنى " قانۇنسىز ھالدا خىمىيىلىك ماددا ساقلىغان" دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلغان. بوشۈن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11 ئادەمنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كەيلى شەھىرى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەندوڭنەن مياۋزۇ-دوڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ شەھەردە 450 مىڭ ئاھالە ياشايدۇ، مەزكۇر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاي ئەمەس مىللەتلەر پۈتۈن ئاھالىنىڭ 81%نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مياۋ مىللىتى 42%نى، دوڭ مىللىتى 32%نى تەشكىل قىلغان.
بۇ قېتىمقى پارتلاشتا ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېيتىلمىغان.
بوشۈن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ كۈچى بىر قەدەر زور بولۇپ، ھەتتا ئەتراپتىكى ئىككى بىنانىڭ كۆپىنچە دېرىزىلىرى چېقىلىپ كەتكەن، پارتلاشتىن كېيىن قاتتىق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. مەزكۇر تورخانىنىڭ ئىچىگە 140 دانە كومپيۇتېر قويۇلغان بولۇپ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ تورخانا ھېسابلىنىدىكەن. ساقچىلار بۇ پارتلاشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.