"ئۈرۈمچى تورىدا" خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى يىغىن 20- دېكابىردىن 21 -دېكابىرغىچە جەمئىي ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 پىلانچى قاتناشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش" ئاتالغۇسىنى " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان پىلان يىغىنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئاچقان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئېچىلغان.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشتۇرۇلغان ياكى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى، ھەمدە قانچىلىك ئىمتىياز بېرىلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.