كۇچادا سېلىنىۋاتقان «خەن، تاڭ ئۇسلۇبى» نامىدىكى ئايرودروم بىناسى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودروم بىناسىغا «خەن، تاڭ ئۇسلۇبىدىكى بىنا» دەپ نام بېرىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلماقتا.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان كۇچادا قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودروم بىناسىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان «خەن، تاڭ ئۇسلۇبى بىناسى» دېگەن نامنىڭ بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان يەنە بىر شەھەر كۇچانىڭ خىتاي مەدەنىيىتى گەۋدىلىنىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان يوللار ھەم بىنالارغا ئارقا-ئارقىدىن خىتايچە ناملارنى بېرىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

بولۇپمۇ قەدىمىي يۇرت قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش نامىدا چېقىلىپ، يېڭىدىن ياسالغان قۇرۇلۇشلارغا خىتايچە ناملارنىڭ بېرىلىشى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە مەخسۇس قارار ماقۇللانغان ئىدى.