ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھەققانىي قوراللىق گۇرۇھىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيەت قىلىدىغان ھەققانىي قوراللىق گۇرۇھىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون برۇنېيدىن رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋىستوك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ھەققانىي گۇرۇھىنى تېررورلۇق گۇرۇھ، دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى بۇيرۇققا ئىمزا قويغان.

خەۋەردە كلىنتون ۋە باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە پاكىستان تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مارك گروسماننىڭ جۈمە كۈنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى پاكىستانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئىچىدە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەققانىي تورىنى «تېررورلۇق گۇرۇھ» دەپ ئېلان قىلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەربىي ساھەسىدىكى بەزى كىشىلەر مەزكۇر گۇرۇھنى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنى توسۇپ، پاكىستاننىڭ ئۇلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بىراق يەنە بەزى ئەمەلدارلار بۇنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ۋە تالىبان بىلەن بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى.