خىتاي كلىنتون خانىمنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى سېنكاكۇ (دياۋيۈ) ئارىلى ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كلىنتوننىڭ سۆزى پاكىتنى بۇرمىلىغانلىق، دەپ تەنقىد قىلدى.

كلىنتون خانىم ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدا بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، خىتاينى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە ئاساسەن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىز ياپونىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز، دېگەن ئىدى.

ئۇ يەنە، بىز ھەرقانداق بىرىنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتتە بولۇشىنى ياكى رايوننىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا مۆلچەردە بولۇشىنى خالىمايمىز، دەپ كۆرسەتكەن. كلىنتوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا بېيجىڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، بىز خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي دۈشەنبە كۈنى كلىنتوننىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ: ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەزكۇر بايانى پاكىتقا پىسەنت قىلمىغانلىق، توغرا-خاتانى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى ۋە بۇنىڭغا كەسكىن ئېتىراز بىلدۈردى، دېگەن.

ياپونىيە كابىنېت سېكرېتارى يوشىخىدە سۇگا خوڭ لېينىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، خىتاي تەرەپنىڭ بايانى «پەۋقۇلئاددە ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ: كلىنتوننىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدە ئۈستىگە ئالغان كۈچلۈك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، دېدى.