كلىنتون خانىمنىڭ 6 دۆلەت زىيارىتى ئىنكاس قوزغىدى

كلىنتون خانىمنىڭ 30-ئاۋغۇست باشلىغان زىيارىتى 11 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ جەرياندا تىنچ ئوكياندىكى كۇك تاقىم ئاراللىرى، ھىندونېزىيە، خىتاي، شەرقىي تىمۇر، برۇنېي، رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.31

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، «كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت» دەپ باھا بېرىلدى. خەۋەردە يەنە، سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ «كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا رايونىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تېزلىكتە ئۆرلىگەن ئىقتىسادىغا ئېتىبار بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.

ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدە «كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، تىنچ ئوكيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان ئاراللارنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.