ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگوسىغا تەنقىدىي مەيداندا بولغان ئىدى. ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىراندىن نېفىت سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە بېسىم كۆرسەتكەن ئىدى.
خىلارى كىلىنتون ئالدى بىلەن كالكۇتاغا كەلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەتلىشىدىكەن. كىلىنتون ھىندىستانغا كېلىشتىن ئىلگىرى بېنگالنى زىيارەت قىلغان ھەمدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەد يۇنۇس بىلەن ئۇچراشقان.