ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى چېگرا سۆھبىتى باشلىدى

ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدا يىللاردىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يېڭى دېھلىدا ئىككى كۈنلۈك سۆھبىتىنى باشلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.05.30

ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىكى سىئاچەن چېگراسى دېڭىز يۈزىدىن 6 مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

1984-يىلى ھىندىستان ئەسكەر ئەۋەتىپ سىئاچەن چوققىسىنى ئىگىلىگەن ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن پاكىستان ئەسكەر چىقىرىپ، ھىندىستان قىسىملىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقان.

ئەينى چاغدا بۇ ئۇرۇش بىر مەزگىل توختىغان  بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرى ئاندا-ساندا توقۇنۇشۇپ تۇرغان ۋە مەزكۇر چېگرا مەسىلىسى تېخىچە بولماي كەلگەن ئىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى باشقىلارنى قاتناشتۇرمىغان ئاساستا يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ، مەزكۇر چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.