شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، ساقچى خۇنەندىكى ياڭاق تورت ماجىراسىدا خىتايغا جەرىمانە قويۇپ، ۋەقەنى «ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغان»
2012.12.07
ماقالە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاڭ ئەنخۇي ئىسىملىك يازغۇچىسى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار يايمىچىلار تەرىپىدە تۇرۇپ ئىش بېجىرسە، بۇ يايمىچىلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىدىكەن.
يېقىندا خۇنەندە ئۇيغۇر يايمىچىلار بىلەن يەرلىك خىتايلار ئارىسىدا كوللېكتىپ جېدەل يۈز بەرگەن. جېدەلنى بىر خىتاي خېرىدارنىڭ كېسىپ تارازىدا تارتىپ بولغان ياڭاق تورتنى سېتىۋېلىشتىن يېنىۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جېدەل ناھايىتى تېزلا يەرلىك خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كوللېكتىپ ماجىراغا ئايلانغان. جېدەلدە 3 توننا ياڭاق تورت ۋەيران قىلىنغان، 16 غالتەك بۇزۇپ تاشلانغان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر يايمىچى يارىلانغان ئىدى.
ساقچى تەرەپ جېدەل چىقارغان خىتايغا جەرىمانە قويۇپ، ئۇيغۇر يايمىچىلارغا 24 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەشنى بۇيرۇغان. مەزكۇر ۋەقە خىتاي تور بەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇرلار يەنە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئوخشاشلا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر يايمىچىلار يوشۇرۇن تەنقىد قىلىنغان. ماقالىدا، بۇ خىل ۋەقەلەرنى مىللىي پەرققە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش تەنقىد قىلىنىپ، ئۇيغۇر يايمىچىلارنىڭ باھانى توغرا قويۇشى، ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاخباراتى ئىزچىل مەقسەتلىك سەلبىي خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كەلگەن.