ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تۈرمىدە يوقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي دائىرىلىرى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ 75 ياشقا كىرگەن ئانىسى سالىخان بىلەن ئاچىسى خەيرىگۈلگە ھۆسەيىن جېلىلنى يوقلاش پۇرسىتى بەرگەن.

ھۆسەيىن جېلىل ئۈچ يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن قىلىشقان گەپ ‏ - سۆزلىرى يانفون ئارقىلىق خاتىرىلىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاۋاز خاتىرىسىنىڭ سىرتقا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كانادا دائىرىلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتايدىن ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ 2006 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تۇتۇپ بېرىشى بىلەن خىتايدا مۇددەتسىز قاماققا ئېلىنغان ئىدى.

ھۆسەيىن جېلىل گەرچە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتراپ قىلماي كەلمەكتە. ھۆسەيىن جېلىل ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆسەيىن جېلىل تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن سالامەتلىكى بارغانچە ناچارلاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا داۋالىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن.