مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئامېرىكا، تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گوللاندىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھەر خىل مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ بىر قىسمى تېخى ھايات بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ پېشقەدەم جەڭچىلەرنى ھەر خىل شەكىل بىلەن تەقدىرلەش ھەم ھۆرمەت بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بۇ يىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈسى ئالغان بولۇپ، تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تارىخچى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت ھەمدە ئىستراتېگىيىلىك توقۇنۇشلار شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچكى سىياسىي تۈزۈملىرى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىمۇ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر بويىچە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئالىملىرى كۆپ ماقالىلەر ۋە كىتابلارنى نەشر قىلدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە غەرب دۇنياسىدىكى تەتقىقاتلار ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ ساھەدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلمەكتە.
بۇ ساھەدە ئەنگلىيە ئالىمى ئاندرېي فوربېس، ئامېرىكا ئالىملىرىدىن لىندا بېنسون، جەيمس مىللىۋارد، گاردنېر بوۋىڭدون ۋە باشقىلار، ياپونىيە ئالىمى شىنمەن ياسىشى، رۇسىيە ئالىمى ئا. بارمىن قاتارلىق كۆپلىگەن تارىخچىلار كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە مۇھاكىمىلەردىنمۇ ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا.
