خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رويتېرسقا ئاشكارىلىشىچە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان بۇ ئىككى نەپەر تىبەتلىكنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى ۋاڭدۇ بولۇپ، بۇلارغا ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر تىبەتلەرگە تىبەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى چەتئەللەرگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلگەن جازانىڭ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىدىن نۆۋەتتە تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسدىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قامال قىلىشقا قاراپ يول ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
