بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئون نەچچە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى 2-فېۋرال شەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ، گوباۋ نامىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن 12 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. سوراق جەريانىدا ئىلھام توختىنىڭ سۇ ئىچىشىگە، ھاجەتكە چىقىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋىرىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى«قەپەسكە سولانغان ئۇيغۇر» دەپ تەرىپلىگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئۆيىدىن چاقىرتىپ ئەكېتىپ داۋاملىق سوراق قىلغان. ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەھۋالنى بىلىدىغان ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزىغىمۇ دادىسى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا كېلىش چاقىرىقى ئەۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا سالامەت يېتىپ كەلگەن. مەكتەپ دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزىنى شۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.