خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئىلى - قورغاس بىرىكمە گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغان

خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئىلى - قورغاس بىرىكمە گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغان بولۇپ، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازىنى خىتاينىڭ جېجىياڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىكەن.

2012.09.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قارمىقىدىكى نېفىت قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلار ياسىغان ئەڭ چوڭ دىئامېتىرلىق تۇرۇبا لىنىيىسى ئىكەن.

يىللىق گاز توشۇش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى يەنە كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى باشقا رايونلىرىغىمۇ يۆتكەيدىكەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، غۇلجىنىڭ پەنجىم قاتارلىق رايونلىرىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇلار نۆۋەتتە غۇلجىدا كۆمۈردىن بىرىكمە گاز ئايرىپ چىقىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا باشلىغان.

ئىلگىرى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىلدىكى زاۋۇتلارنىڭ غۇلجىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە غۇلجا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.