بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قارارىنى ماقۇللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 5-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قارارىنى ماقۇللىدى.

خىتاي ھەم كۇبانىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا قارارنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ پەرقلىق كۆز قاراش ھەم مەيدانىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىللە، نورۋېگىيە دۆلىتى ئوتتۇرىغا قويغان تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يېڭى قارارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلەت تاشلىدى.

يىغىندىكى خىتاي ۋەكىلى خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەققىدە ئىزاھ بېرىپ،«توردا قىمار ئويناش، توردا شەھۋانىي يوللانمىلارنى يوللاش، توردىكى تېررورلۇق ھەم ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيكەن» لىكىنى بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىلى بولسا،«كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ھەم ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە ئوخشاشلا قوغدىلىشقا تېگىشلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.