دوكلاتتا يەنە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد، ھەربىي، مەمۇرى تارماقلىرىغا قارىتىلغان ھەر قانداق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم دۈشمەنلىك ھەرىكەت دەپ قارىلىدۇ، بۇنداق دۈشمەنلىك ھەرىكەتكە قارىتا ئېلېكترونلۇق ھۇجۇم بىلەن ياكى تېخىمۇ ئەنئەنىۋى بولغان ھەربىي ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ دەپ بايان قىلىندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىڭلىغان جايدا قوللىنىلىۋاتقان ئونمىڭلىغان كومپيۇتېرلىرى ۋە ئىنتېرنېتقا كېرىپ مەشغۇلات قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا مىليونلىغان خۇسۇسىي كومپيۇتېرلار ھەر كۈنى كۈتۈلمىگەن ھۇجۇمغا ئۇچراپ بۇزۇلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىكى كېرەكلىك ئۇچۇرلار، مەخپىيەتلىكلەر ئوغرىلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاي بىلەن رۇسىيىگە چېتىلىدۇ.
