ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، لوندوندىكى نامايىشچىلارنىڭ سانى 250 مىڭدىن 500 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نامايىشنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىللىگەن ئىدى.
شەنبە كۈنىدىكى نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، 66 ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ 31 نەپىرى ساقچى ئىكەن. نەتىجىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. نامايىش يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقان.
ئەنگلىيە سودا ۋەزىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقى، ئەمما بېكىتىلگەن ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە چىقىملىرىنى قىسقارتىشىنى خەلقنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقى ۋە خىزمىتى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ ھېسابلىغان.
ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى پاجىئەسىدىن كېيىن، 26- مارت كۈنى گېرمانىيىنىڭ بىر قانچە شەھىرىدە يادرو قوراللىرىغا قارشى 250 مىڭ كىشىلىك نامايىش يۈز بەرگەن.
يەكشەنبە كۈنى تەخمىنەن 300 ئادەم ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە يادروغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
