قايتىدىن سايلانغان ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

5 - ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، يېقىندا قايتىدىن سايلانغان ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇت ئەخمەدىنىجادنىڭ قەسەمياد مۇراسىمىغا 70 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 13 نەپىرى قاتناشمىغان بولۇپ، بەزىلىرى ئەخمەدىنىجاد سۆزگە چىققاندا يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.05

ئەخمەدىنىجادنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئىران خەلقى مەزكۇر سايلامدا ساختىلىق سادىر بولغانلىقىنى، شۇڭا سايلامنى قايتا ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

نامايىشچىلار، ئەخمەدىنىجادقا قارشى سايلامغا چۈشكەن ھۈسەيىن موساۋىنى قوللاپ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغان ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، نامايىش 30 يىل ئىلگىرى ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە دەپ قارالماقتا.
 
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، ئەخمەدىنىجادنىڭ قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان سىرتىدا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن.

مۇلاھىزىچىلەر ئەخمەدىنىجادنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق دەۋرى، ئىراندا سىياسىي رىقابەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن ۋە ئىران سىياسىي مەۋقە جەھەتتە ئىككىگە بۆلۈنگەن دەۋرگە توغرا كېلىدۇ دەپ قاراشماقتا.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.