خىتاي-ئىران نېفىت سودىسى ناھايىتى تېز كۆپەيمەكتە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكى ئىران نېفىتىنى بايقۇت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئىراننىڭ نېفىت سودىسى 55% كۆپەيدى، يەنى 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.01.25

ئىراننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھدى سەفەرى بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت سودىسى 2010‏-يىلىدىكىدىن 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشتى دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شېرىكى. بولۇپمۇ، غەرب شىركەتلىرى يېقىندا ئىراننىڭ يادرو قورال ياسىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئىران نېفىتىنى بايقۇت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارى ناھايىتى تېز يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.

خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ ئىران بىلەن نېفىت سودىسىنى ۋە باشقا ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.