بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسەت بويىچە ئىش كۆرۈشتىن قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە كۆچكەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ جاكارلانغان. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما مىڭچېڭ ئېلان قىلغان.
بۇ ئەرباب يېڭى تۈزۈپ چىقىلغان بۇ «چارە» نى ئىجرا قىلىشنىلا تەكىتلىگەن، ئەمما بۇ «چارى» نىڭ قانچە ماددىسى بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېنىق مەزمۇنى نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت تىلغان ئالمىغان.
خەۋەردە، يېڭى چېگرادا 2002-، 2005-، 2008-ۋە 2010-يىللىرى تۈزۈلگەن سىياسەت بويىچە 300 مىڭدىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4% ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچبىر سىر ئەمەس.