ئىسرائىلىيە غەززەگە قويۇلغان ئىمبارگونى يۇمشىتىشنى قارار قىلدى

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان مۇزاكىرىدىن كېيىن غەززەگە قارىتىلغان ئىمبارگونى يۇمشىتىش قارارى ئالدى. ئىسرائىلىيە ئۈچ يىلدىن بېرى غەززەگە قاتتىق ئىمبارگو قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال رايوندىكى بىر يېرىم مىليون خەلقنىڭ ھاياتىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى سىياسەت كومىتېتى ئەزاسى كەترىن ئەشتون بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالغا قاراشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، "ئەڭ مۇھىمى قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى" دەپ كۆرسەتتى.

خاماس تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ ئىسرائىلىيىنىڭ، تۈركىيىنىڭ ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەتكەنلىكتىن، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلەستىن لىدىرى ماھمۇت ئابباسمۇ ئىسرائىلىيىنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى ۋە ئىمبارگونىڭ تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىندا ئىسرائىلىيە تۈركىيىنىڭ غەززەگە ياردەم ئېلىپ ماڭغان پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ نەتىجىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچلەندۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيىگە غەززەگە قويۇلغان ئىمبارگونى ئېلىۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.