ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يەنە گازا رايونىدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خاماس تەشكىلاتىغا قارشى مەخسۇس ھۇجۇم قوزغىماقچى بولۇپ،ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى خاماسقا قارشى كۈرىشىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز دېگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا گازا رايونىدا ئۆلگەنلەر 380 گە يەتتى، 1800 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرالار يارىلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 62 نەپىرىنىڭ بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بۈگۈن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، خاماس تەشكىلاتىنىڭ راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيىدىمۇ بىر ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى گازا كرىزىسى ھەققىدە بۈگۈن پارىژدا جىددىي يىغىلىپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش، ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرى ئېلىپ بارغان.
ياۋرۇپا بىرلىكى بۈگۈن يەنە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان ھەم ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ گازا رايونىغا كىرىشىگە يول ئېچىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ گازا رايونىدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ رايون ئىنتايىن جىددىي ھەم قالايمىقان ئۇرۇش ئوتىدا قالغان بولۇپ، دوختۇرخانا ۋە قىزىل كرىست ياردەم ئورۇنلىرىدا دوختۇر - سېستىرالار جان تالىشىۋاتقان ئاپەتتىكى خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاخىرقى چەككىچە تىرىشماقتا.