دۇنيادىكى رەھبەرلەر ئىسرائىل ھۇجۇمى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بىردەك تەلەپ قىلدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىنگە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.01

بۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋەقە ئۈستىدە تېز، تەرەپسىز ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان 6 پاراخوت ۋە يۈزلىگەن پەلەستىن قوللىغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۈگۈن يەنە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى غەززەدىكى ئىشغالىيىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.
 
ئىسرائىلىيە بولسا، ياردەم ئېلىپ ماڭغان پاراخوتلارغا ئىككى سائەت ئاۋۋال ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، ئەمما پاراخوتلار ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلماي كىرىشى چەكلەنگەن رايونغا داۋاملىق ئىلگىرىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دەسلەپ تالاش‏ - تارتىش، ئارقىدىن توقۇنۇش چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نۆۋەت ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتايمۇ مەۋجۇت؛ ئەمما، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىۋاتقان خىتاينىڭ پەلەستىن خەلقىنى تەرەپ تۇتۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت گۇمانىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مەيدانىنى، خەلقئارا جامائەت پىكرىنى كورىيىدىكى پاراخوت ماجراسىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى پاراخوت ۋەقەسىگە يۆتكەش ۋە ياكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەپ قارىماقتا.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.