يەتتە چوڭ سانائەت دۆلىىتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى

يەتتە چوڭ سانائەت دۆلىىتنىڭ مالىيە مىنىستىرىلىرى شەنبە كۈنى ( ئۈچىنجى ئۆكتەبىر كۈنى) ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىندا ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە، كانادادادىن ئىبارەت يەتتە چوڭ سانائەت دۆلىىتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى، پۇللارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان دوللارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئابروتتا ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە مەسىلە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېىلىپ چىقىۋاتقان ئەندىشىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان بۇ يىغىندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبرت زوللىك، ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئابروتتىكى رولى تۆۋەنلەپ ئۇنىڭ ئورنىنى يۇرو بىلەن يۇەن ئىگەللەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەنگىلىيە مالىيە مىنىستىرى ئالىستاير دارلىڭ 'سانائەتلەشكەن چوڭ دۆلەتلەرنى ئەمەس، بەلكى كۆپ سانلىق خەلقنى كۆپ نەزەردە تۇتۇپ، نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ھازىرقى مۇھىم مەسىلە' دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋېن باشلىقى فىلىپس يىغىن جەريانىدا، يېڭىدىن گۆللىنىۋاتقان ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى يەر شارى خارەكتىرلىق پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردە نامراتلار نىڭ سانى كۆپەيگەنلىكىنى، بۇ ئىقتىسادىي كىرزىس ھازىر بۇ دۆلەتلەردە ئىجتىمائى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىگە ئايالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇيىل يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي 5.6% تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى 8 مىليون 300 مىڭ ئىشسىزلار قاتارىغا يەنە 400 مىڭ ئىشسىز قوشۇلغان. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتلەردىكى نامراتلارنىڭ سانى 15 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.