ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىدە ئىشخانا ئاچماقچى

خىتايدىكى ئامېرىكىغا كىرىدىغان زەھەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىدە ئىشخانا ئاچماقچى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.01.10

دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان كومىتېت رەئىسى ئىنېز تەنەنبائۇم، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي تەرەپكە يەتكۈزۈشكىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئېچىلىدىغان ئىشخانا ئامېرىكا ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى قوغداش كومىتېتى چەتئەلدە ئاچقان تۇنجى ئىشخانا ئىكەن.

تەنەنبائۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ 45 پىرسەنتى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن ئىمپورت قىلىنىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى ئىشخانىنى بېيجىڭدا ئېچىش ئەمەلىيەتكە تولىمۇ ئۇيغۇن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىشخانا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىچىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىشخانىغا دەسلەپتە ئىككى نەپەر خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ خادىملار خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، خىتايدىكى زاۋۇت- كارخانىلارنى ئامېرىكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

2007-يىلى ئامېرىكىدا بىر قىسىم ئەرمەك ھايۋانلار خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ھايۋانات يېمەكلىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەقە دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىدا يەنە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ناچار سۈپەتلىك بالون ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.