دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنىڭ خىتايدىكى تەسىرى

دۇنيادىكى ئىقتسادىي كرىزىسنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى خىتايدىمۇ كۆرۈنگىلى باشلىغان بولۇپ، خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەل شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ تاقىلىشى خىتايدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.18

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجىن شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ھوڭ كوڭدىكى خەلقئارا ب ئې پ شىركىتىگە ئائىت فابرىكا كېلەر ھەپتە تاقىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كارخانىنىڭ تاقىلىشى بىلەن يەنە 1500 كىشى ئىشسىز قالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىركەت باياناتچىسى، شىركەتنىڭ ئېكسپورتى ناھايىتى ئازايغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجىن دىكى كارخانىنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1986‏ - يىلى قۇرۇلغان ب ئې پ شىركىتى ئاساسەن ئېسكپورتغا تايانغان بىر شىركەت بولۇپ، ھەر يىلى ياۋرۇپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە ۋە يىڭى زىلاندىيىگە يۈز مىليونلىغان دوللارلىق ئۆي ئەسۋابلىرى ئېكسپورت قىلىدىكەن.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا، يەنە بىر خوڭكوڭ شىركىتى دوڭۋەن ۋە گوۋاڭدوڭدىكى ئىككى فابرىكىسىنى تاقاپ، 7000 خىتاي ئىشچىسىنى ئىشتىن چىقارغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.