يېڭىشەھەر ناھىيىسى 'جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش' ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېڭىشەھەر بازارلىق پارتكومى " 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى، 12 - ئاۋغۇست يامانيار ۋەقەسى" نىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.

" ئامانلىق" تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىشەھەر بازارلىق پارتكوم، ئۆزىنىڭ "يېتەكلەش،" "ئاساسى قوشۇن بولۇش،" ۋە " مەسلىھەت بېرىش" رولىدىن ئىبارەت "3 چوڭ رولى" نى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر بازارلىق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - مەھەللىلەرنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات ياندۇرۇپ، مۇداپىئە بىرىنچى سېپىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىش."

بۇنىڭدا يەنە، كادىرلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئالماشتۇرۇش ، تەڭشەش ۋە ياردەمچى تەربىيىچىلەرنى تىزىمغا ئېلىش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ "ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يوقلاپ بېرىپ مۇڭدىشىش" خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلىرى، قانداقتۇر يېڭىشەھەر تەۋەسىدىلا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر بولماستىن ، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدە بىرقەدەر كەڭ - كۆلەملىك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەرىكەت بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت يەرلىك ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە "ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يوقلاپ بېرىپ مۇڭدىشىش" قاتارلىقلار بولسا يېزا - كەنتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي - پىكىر ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۈز يەتكۈزىدىكەن.