جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېڭىشىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى

جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى تۈنۈگۈن كامبودىيىدە باشلانغان ئىدى. كامبودىيىدە ئېنگىلىسچە چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەر» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرما ئۆكتىچىسى ئاڭسەنسۇجى ھەققىدىكى پارلامېنت سايلىمى، خىتاي بىلەن تەيۋەن ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش تالاش - تارتىشى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، خىتاي ئوتتۇرىغا 10 تۈرلۈك تەكلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەبىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى تالاش - تارتىشنى غەۋغاغا ئايلاندۇردى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدىكى غەۋغا بۇ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېڭىشىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېڭىشىنىڭ بىرما، كامبودىيە، لاۋوس، مالاشىيا، فىلىپپىن، سىنگاپور، ۋېتنام ۋە برۇنېيلاردىن ئىبارەت 10 ئەزاسى بار.