جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى خىزمەتچىلىرى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات باشلىقىنىڭ ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى

جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ ئىلگىرىكى مۇخبىر ۋە تەھرىرلىرى ئىمزالىق خەت يېزىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىمزالىق خەتكە جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ 35 نەپەر خادىمىدىن باشقا يەنە 51 نەپەر پراكتىكانت مۇخبىرمۇ ئىمزا قويغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.04

ئوچۇق خەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ 2013-يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، گېزىتخانىدىكى بىر قىسىم مۇخبىر ۋە تەھرىرلەرنى خىزمىتىدىن بوشاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى خىتاي جەمئىيىتىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى ئاشكارىلاش، خەۋەردە بىرقەدەر ئەركىن بولۇش ئىستىلى شۇنداقلا خىتايدىكى ئىسلاھات تەرەپدارلىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىگە گېزىتتە ئورۇن بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇي قازانغان. 2009-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بۇ گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.