جەنۇبىي سۇداندا ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناشنىڭ نەتىجىسى 98.83% ئاۋاز مۇستەقىللىق

بۈگۈن سۇدان پايتەختى خارتۇمدا، ئۆتكەن ئاي جەنۇبىي سۇداندا ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ 98.83% نىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن بىلەت تاشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى. راۇ سىناشقا مەسئۇل كومىتېتنىڭ باشلىقى مۇھەممەد خېلىل ئىبراھىم، ئاۋاز بېرىش جەريانىنىڭ توغرا ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، راي سىناش نەتىجىسىنىڭ جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇدان پرېزىدېنتى ئەل بەشىر، جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇراسىمنى جەنۇبى سۇدان پايتەختىدىكى بىر مەيداندا سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرغان ئون مىڭلارچە كىشى راي سىناش نەتىجىسىنى قىزغىن ئالقىش، ھاياجانلىق كۆز يېشى ۋە قىقاس-چۇقانلىرى بىلەن تەنتەنە قىلىشتى.

بۈگۈن يەنە، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باشلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىق كۈرىشى 1980 ‏-يىللاردا باشلانغان. 2005 ‏-يىل جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىق كۈچلىرى بىلەن سۇدان دۆلىتى ئارىسىدا تىنچلىق توختامى تۈزۈلگەن. توختامدا تەرەپلەر، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى 6 يىلدىن كېيىن خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق بېكىتىشكە كېلىشكەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىللىق مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋامىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 8مىليون 200مىڭدۇر.