ئەمدى 65-قېتىملىق ب د ت ئومۇم يىغىنىدا 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۇبىي سۇداننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە ئاۋاز بېرىلىدۇ. ئەگەر تەستىقلانسا،جەنۇبى سۇدان ب د ت غا ئەزا 193-دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. ب د ت دا يەنە بىر يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان بىر دۆلەت ئورۇن ئالىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي سۇدان 2005-يىلى تىنچلىق بىلەن مۇستەقىل بولۇش خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ، كۆپ مۇشەققەتلىك كۈرەش ئارقىلىق 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولغان كۈنىلا، ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئىدى. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت غا ئەزا 192 دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى ئېنىق.
