ئەنگلىيىگە چىققان «شىنجاڭ كارخانىچىلار ئۆمىكى» ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق
2013.01.24
خىتاينىڭ خەلقئارا خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەك 23-يانۋار كۈنى ئەنگلىيىلىك كارخانىچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئەنگلىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىجارەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئەمما قىزىقارلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بۇ كارخانىچىلار ھەيئىتىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر كارخانىچى يەر ئالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايونغا زور مەبلەغ سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي تىجارەتچى، كارخانىچىلارنى باي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەكسىچە تېخىمۇ نامراتلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2011-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا ياۋروئاسيا يەرمەنكىسى باشلانغاندىمۇ چەتئەلدىن كەلگەن مۇخبىرلار يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئازلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.