قەشقەر ئايرودرومى كېڭەيتىلمەكتە

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا قەشقەر ئايرودرومى تۇنجى قېتىم يولۇچىلار سانىنى بىر مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش بىلەن پۈتۈن خىتاي بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئايرودروملار سەۋىيىسىگە يەتكەن. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ئايرودرومىنىڭ يولۇچىلار قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، 2020 - يىلىغا كەلگەندە يولۇچىلار سانىنى 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.02


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۇنىڭ 2006 - يىلى چەتئەللەرگە تاموژنا ئۆتكىلى قىلىپ بېكىتىلىشىدىن كېيىن كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ يىل 11 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى، خەلقارا ھاۋا يوللار، شەرقىي خىتاي ھاۋا يوللىرى قاتارلىق 7 ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىش بېجىرىشكە كىرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىشىنى بېكىتكەندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرى خىتاينىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى ھەمدە قەشقەرنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنىڭ كېلىپ يەرلىشىشى بىلەن قەشقەر ئايرودرومىنىڭ خىزمىتىمۇ ئاشقان ئىدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئايرودرومى ئىچكىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشىدىكى ئاساسلىق بېكەت بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئىچكىرى خىتاي بىلەن قەشقەرنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.