ئاقسارايدا بېرىلگەن كەچلىك تاماقنىڭ ئارقىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش
2011.01.21
"نيۇ يورك ۋاقتى" گېزىتى بۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا پەۋقۇلئاددە ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئاقسارايدىكى كەچلىك غىزانىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى. "نيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايدىكى كەچلىك غىزادا خۇ جىنتاۋنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي شىمالىي كورىيىگە بېسىمنى كۈچەيتمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"نيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن مەزكۇر خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋنى ئاگاھلاندۇرۇشى ناھايىتى تېز ئۈنۈم بېرىپ، شىمالىي كورىيە پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭ بىلەن شەرتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. بۇ خەۋەر خۇ جىنتاۋنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چىكاگونى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. ئاقساراي جۈمە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋنى 1 - قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشى ئەمەس. ئوباما، ئەگەر خىتاي تەدبىر قوللانمىسا ئاسىيادا قوشۇن تۇرغۇزىدىغانلىقىنى 1- قېتىم 2010- يىلى 12- ئايدا خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە تەكىتلىگەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاقسارايدىكى غىزادا خىتاينى 2 - قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ دۇڭ، خۇ جىنتاۋنىڭ كەچلىك غىزادا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىغا دائىر بۇ خەۋەر "خۇ جىنتاۋنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالغانلىقتۇر" دېگەن.