خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.07

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى مەسئۇلى ۋولفگاڭ گرېنىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتى ئۇنىڭ ئېرىشكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ماسلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا 1500 نەپەر مۇساپىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلگەن.

ۋولفگاڭ گرېنىزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان بىر خىل بۇزغۇنچىلىق.

بىراق ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارغا خەيرخاھلىق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتچى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارغا قىلغان بارلىق ئىش ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق، دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل چىڭىتىپ كەلدى. شۇ قاتاردا گوللاندىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىشقا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

د ئۇ ق ئىزچىل مەزكۇر ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.