«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كەنت پارتىيە قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۋەن خەيچۈەن، 14-ئىيۇن خىزمەت پۇرسىتى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىل ئوقۇش تۈگەتكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەخمىنەن 4 مىڭ نەپەرنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، كەنت باشلىقى ياردەمچىسى، كەنت ياچېيكا سېكرېتارى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ھەر بىر كەنتتە بىر نەپەر ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن كەنت كادىرى بولۇش» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، كەنت كادىرى خىزمىتىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەرتى بەلگىلىنىپ: ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالغان، يېشى 30 دىن تۆۋەن، پارتىيە ئەزاسى ياكى ئىلغار ئوقۇغۇچىلار كادىرى بولغان ھەمدە ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ كادىرلار باشقارمىسى تونۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق تاللاش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، دائىرىلەر نامدا ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە سادىق كادىرلارنى تەربىيىلەپ، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئورۇنلاشقان يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.