ئاۋستىرالىيە كىنو فېستىۋالى خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلى ئورگىنى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى مىلبورىن خەلقئارا كىنىو فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان "مۇھاببەتنىڭ 10 شەرتى" فىلىمنىڭ چوقۇم فېستىۋالغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-07-31
Share

ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ باياناتچىسى لوئىسا خەسېلتىن، كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلى ھەيئىتى ھېچقاچان بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، "مۇھاببەتنىڭ 10 شەرتى"نى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ياكى رابىيە خانىمنى مىھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى جاكالىغان.

ئۇ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن ": فېستىۋالدا بۇ فىلىمنى قويماسلىقنىڭ ھېچقانداق يولى يوق"، "ئۇ ئەلۋەتتە فېستىۋالغا قاتنىشىدۇ".

ئاۋستىرالىيە، كانبېررادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىك، ئۇنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى بېسىمىغا تىز پۈكۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇرۇلۇقىدىن مىلبورىندىكى كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغان خىتاي تىلىدىكى پۈتۈن كىنو ‏ - فىلىملەر فېستىۋالنى بايقۇت قىلغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت